Chinese→UyghurMain Dictionary
内罗毕
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرنايروبى
كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1676 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1983)، نايروبى كېنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، سېمونت، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، قەغەز ئىشلەش، ئافرىقا بويىچە ئاتاقلىق پاراۋۇز ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. نايروبى شەرقىي ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى خېلى كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، <كىچىك لوندون> دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەردە يەنە ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى خەلقئارا ئايرودروم، بىرنەچچە ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيلار، ئاتاقلىق باغچىلار، مېھمانخانىلار، ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
Domain: ئۇنىۋېرسالnèi luó bì
نايروبىDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
nèi luó bì
نايروبى
GetWord Corpus
Pronunciation: 8nèi luó bì
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.