Chinese→UyghurMain Dictionary
内克
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
nèi kè
نېككېر
内克〈美、瑞士〉
nèi kè
نېككېر
دۇنيا تارىخى
نېكېر
(1732 - 1804) فرانسىيە مالىيە باش تەپتىشى (1776 - 1781، 1788 - 1789، 1789 - 1790) جەنۋەدە پاروتېستانت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1747-يىلى پارىژغا كېلىپ، بانكىدا ۋەزىپە ئۆtىگەن. 1765-يىلى پارىژغا كېلىپ ،بانكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1765-يىلى فرانسىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى بولغان، كېيىن بانكا تەسىس قىلغان. سىياسىي ئىقتىساد ئەسەرلىرىنى يېزىپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1776-يىلى لۇئى ⅥⅩ نىڭ مالىيە باش تەپتىشى بولۇپ، مۆتىدىل ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، چىقىمنى ئازايتىش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاشلىق ئەركىن سودىسىغا قارشى تۇرغان. 1781-يىلى مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئوردىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1784-يىلى <فرانسىيە مالىيىسىنى باشقۇرۇش ھەققىدە> نى يېزىپ، ئۆز سىياسىتىنى ئاقلىغان. 1788-يىلى مالىيە باش تەپتىشلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، فرانسىيە مالىيىسىنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر خىل ئىسلاھات تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1789-يىلى ئىيۇلدا يەنە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندا، شۋېتسارىيىگە قايتىپ كەتكەن. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن يەنە چاقىرتىپ كېلىنىپ، يەنە بىر قېتىم مالىيە باش تەپتىش بولغان. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتنىڭ سىياسىتى ئۇنىڭ تەدرىجىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىغا زىت كېلىپ قالغانلىقتىن، ئىكىنچى يىلى 9-ئايدا ئىستېپا بېرىپ، شۋېتسارىيىگە قايتىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، ئىلگىرى - كېيىن <نېگېر ئەپەندىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش چارىلىرى>، <بۈيۈك فرانسىيە ئىنقىلابى> قاتارلىق ئەسەرلەنرى يازغان. ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.