Chinese→UyghurMain Dictionary
内地军
Domain: دۇنيا تارىخىئىچكى رايونلار قوشۇنى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيە مەملىكەت ئىچى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1944 - يىلى 2 - ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەخپىي قوشۇن، ئەركىنلىك ۋە ماكى گۇرپپىسى ئارمىيە قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى، ئەركىن مەرگەنلەر ۋە فرانسىيە پارتىزانلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئادەم سانى 500 مىڭغا يەتكەن. فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتىدىن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلنغان. ئىتتىپاقداشلر ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا ياردەملىشىش، مەملىكەت ئىچىدىكى قالدۇق دۈشمەنلەرنى يوقىتىش ۋە فرانسىيىنى ئازاد قىلىش جەھەتلىرىدە مەلۇم رول ئوينىغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.