UyghurMain Dictionary
نەچچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى سورايدىغان سۇئال ئالمىشى.
قانچە كۆپ قاينىسا قىيام - قەنت سۈيى، ناۋىتى شۇنچە سۈزۈك بولغۇسى.جەڭ ۋاقتى ئۇ ئەگەر كۆرسەتسە ئارقىسىنى، ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۆلتۈرەر باتۇرلارنىڭ قانچىسىنى. پۇرچاق نەچچە - نەچچە سەكرىسىمۇ تاۋىتى چاقالماس. دۈك مىڭ - نەچچە مىڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. سان - مىقدار ھەققىدىكى سوئالنى بىلدۈرىدۇ، قانچە.
سىلەرنىڭ ئىدارىدە نەچچە كادىر بار؟
سۈپ. بىر مۇنچە، كۆپ، نۇرغۇن.
مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ نەچچە كېچىلەر ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم.
سۈپ.ئونلار خانىسىدىن يۇقىرى پۈتۈن سانلار بىلەن بىللە كېلىپ ئىسىمنى ئېنىقلىغاندا ئۇنىڭ تەخمىنى سانىنى بىلدۈرىدۇ.
كىيىملىرى يىرتىلغان زىۋىرشانى ئون نەچچە ئادەم ئارىغا ئېلىپ كەلمەكتە.
سۈپ. ئازراق، ئازغىنا.
ياق - ياق، مەن نېمە قىلىۋاتىمەن - ھە؟ بار - يوقى نەچچە تەڭگىلا پۇل قالدى.