UyghurMain Dictionary
نەڭ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نومۇس، كەمتەرلىك؛ نەك ئاۋەر - نومۇسلۇق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نەرسە، شەيئىي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ھەممە جىسىم ۋە ھادىسىلەر.
<نەرسە> ئومۇمىي ئات، بارلىق كونكرېت ياكى ئابستراكت ھەممە نەرسە - كېرەككە قارىتىلىدۇ.
<شەيئى> پەلسەپىۋى ئاتالغۇ، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە قارىتىلغان.
<ئەشيا> تېخى ئىشلەنمىگەن ھەر خىل ماددىي ۋاستىلەر.
<بۇيۇ
ئۇ بازارغا نەرسە ئالغىلى كەتتى. مەندە ھېچ نەرسە يوق. ئۇنىڭ يانچۇقىدىن جىق نەرسە چىقتى. ھەممە شەيئى ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. زاۋۇت - فابرىكىلاردا خام ئەشيا ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرى مول بولسا، تۇرمۇش پاراۋان بولىدۇ. ئۇ تازا بىر قاملاشمىغان نېمە ئىكەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
نەرسە.
بۇ نە نەڭ ئول _ بۇ قانداق نەرسە ئۇ.
3 - 492
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مەل، دۇنيا.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بۇلمىش نەڭىڭ سەۋەرسەن
ئاقرۇن ئاڭار سەۋىنگىل (يازما نۇسخىدا بۇ سۆز «» شەكلىدە يېزىلغان. لېكىن «» دىكى ئىككى چېكىتنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر چېكىت ئىزى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ئورۇندىكى مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇ سۆز «» بولۇشى كېرەك. شۇڭا بىز «سەۋىنگىل» دەپ ئالدۇق.)
بارمىش نەڭىڭ ساقىنما
ئازراق ئاڭار ئۆكۈنگىل