UyghurMain Dictionary
نېچۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
نېمە ئۈچۈن:
دېدى: ئەي ئەنجۇر، نېچۈك لاف ئۇرغاسەن تاق شاخۇشاق،
كىمكى يەر بولسە ئۇزار ئەۋۋەل يۈزۈڭگە پاق - پاق.
ئابدۇقادىر داموللام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
يېزت قانداق.
سىلەر شۇنچىلىك غەيرەت قىلىپ داۋالىمىغان بولساڭلار قىزىمنىڭ ھالى نېچۈك بولار ئىدى!
نېمە ئۈچۈن.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس، ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يۇرۇق روجەكلەرنى.
ھەرقانداق.
ھەممە ئادەمگە سەن ياخشى قىلىق قىل، تىلىڭنى خۇش، چىرايىڭنى ئىللىق قىل، نېچۈك سۆز بولسا سەن ياخشى ئىشىتكىن، قۇلاقىڭغا ھالقا قىلىپ بېكىتكىن.