UyghurMain Dictionary
نازەنىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېلىشكەن، گۈزەل يار، مەھبۇبە:
چىرايلىق، جىلۋەگەر:
1. سېنى ئەي نازەنىن تا ئۆلگۈچە تەڭرىمگە تاپشۇردۇم،
مېنى مۇنداق مۇسافىر ئەيلەدى دەۋرى قەمەر تەنھا.
زەلىلى.
خىيالى شۇئلەئى رەڭگىن قۇياشىم قىلبەگەھىمدۇر،
دەمى فىكرى ھىلالى نازەنىنىم سەجدەگاھىمدۇر.
ئەرشى.
2. قىلىپ ئەقد مەجنۇنغە نەۋفەل قىزىن،
ھەمۇل ئېردى گۈلچېھرەئى نازەنىن.
ئا. نىزارى.