UyghurMain Dictionary
نائىبلىق قىلماق
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدە قەدىمكى زاماندىكى گۆدەك تېننو (ياكى ئايال پادىشاھ) ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىنىڭ ئاتىلىشى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ دەسلەپكى نائىبلىق قىلغۇچى شاھزادە شېندې ئىكەن. ئەسلىدە نائىبلىق قىلغۇچى پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، مىلادى 866-يىلى (ياپونىيىنىڭ جېنگۇەن 8-يىلى) فۇجىۋارا ماكاتوشىۋا رەسمىي ھالدا <نائىبلىق قىلغۇچى> دەپ ئاتىلىپ، يىراق تۇغقانلاردىن بولۇش باشلانغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، كامپاكو بىلەن بىللە دائىمىي ئەمەل قىلىنغان: تېننو گۆدەك چاغدا نائىبلىق قىلغۇچى تەسىس قىلىنىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان؛ تېننو بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، گۇەنبەيگە ئۆزگەرتىلىپ، تېننونىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ياردەملەشكەن. بۇ ئىككى ئەمەل ئۇزاققىچە فۇجىۋارا جەمەتى تەرىپىدىن ۋارىسلىق بىلەن ئىگىلەنگەن. Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەردە فۇقىۋارا جەمەتى نائىبلىق قىلغۇچى ۋە كامپاكو (مەسلىھەتچى) لۇق ئورنى ئارقىلىق، ھاكىمىيەت ئشىلىرىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، <نائىبلىق قىلغۇچى - كامپاكو سىياسىيسى> نى شەكىللەندۈرگەن. بارگاھ دەۋرىدە ھاكىمىيەت سەردارى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، بۇ ئەمەل قۇرۇق نامغا ئايلىنىپ قالغان. 1868-يىلى پادىشاھلىق سىياسىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھازىر ياپونىيىدە نائىبلىق قىلىش تۈزۈمى يەنىلا ساقلانماقتا.