UyghurMain Dictionary
ناخۇش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يېقىمسىز، يامان؛ خۇشال ئەمەس، خاپا.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئورتاھال، چۈچۈمەل. مەسىلەن: ناخۇش ئانار - ئاچچىقمۇ ئەمەس، تاتلىقمۇ ئەمەس، ئورتاھال ئانار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
خۇش ئەمەس، كۆڭۈلسىز، پەرىشان.
- ئۇ قانداقمۇ دوكتۇر بولسۇن؟! - دېدى يىگىت ناخۇش ھالدا.^