UyghurMain Dictionary
ناتۇرالىستلارغا رەددىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ماتېرىيالىستلارغا رەددىيە> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئىسلام دىنىغا دائىر سىياسىي نەزەرىيىۋى ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەرنى جامالىددىن ئافغانى ھىندىستاندىكى ئىسلام مۇدېرنىزمى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى سەئىد ئەھمەدخانغا رەددىيە بېرىش يۈزىسىدىن يازغان. پارسچە نۇسخىسى 1881 - يىلى ھىندىستاندىكى ھەيدەر ئاباتتا نەشر قىلىندى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى <ناتۇرالىستلار> ياكى <ماتېرىيالىستلار> نىڭ <بىدئەت تەلىماتى> نى تەنقىد قىلىش، <توغرا ئېتىقاد> نى شەرھلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۆزىنى <ئەۋلىيا>، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنى يوقاتقۇچى، سىرلىق بىلىملەرنىڭ پىر ئۇستازى، پىكىر مەرىپەتچىسى، خۇراپاتلىقنى تۈگەتكۈچى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىۋالغان ناتۇرالىستىك خاھىشنىڭ ئىپادىلىرى مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان زىيانلىق تەلىماتلار بولۇپ، ئىنسانغا ئەجدادىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، قەدىمدىن بۇيان شەكىللەنگەن تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، دەپ قارىدى. بۇ سەپسەتىگە رەددىيە بېرىش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى مۇسۇلمان مىللەت خەلقلىرى چىڭ تۇرىدىغان دىننى مەنبە قىلغان تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىي ئەقىدىنى ئېلان قىلدى: (1) جاندارلار ئىچىدە ئىنسان ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر؛ (2) ھەربىر ئادەم مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئىجتىمائىي تەشكىلات سىرتىدىكىلەر خاتارلىق ۋە ئازغۇنلۇققا پېتىپ قالغۇچىلاردۇ. شەخسىي ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە تولۇق ئىشەنچ قىلىشى كېرەك؛ (3) كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئادەم ئۆزى ئىلگىرىلىشى، ئىنساننىڭ تار، قاراڭغۇ بۇ دۇنيا (تەشۋىشلىك ماكان) دىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ ئېسىل، ئالىيجاناب، كەڭ گۈزەل كەلگۈسى دۇنياغا كىرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك. بۇ جامالىددىن ئافغانىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بار.