Uyghur←ChineseMain Dictionary
ناتۇق مەدەنىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى纳吐夫文化
nà tǔ fū wén huà
لېۋانت رايونىدىكى بىر خىل ئوتتۇرا تاش قورال مەدەنىيىتى. يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى خارابىلىرىدىن بىرى. دەسلەپتە پەلەستىننىڭ كامىل تېغىدىكى ۋاد ئېن ناتۇف دېگەن جايىدىن تېپىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خارابە پەلەستىن، لىۋان، سۈرىيە دېڭىز بويلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا مەركەزلەشكەن. ئۇنى ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. قېزىلىۋېلىنغان تاش قوراللاردىن پىششىقلانغان ياپىلاق تاش قورال، سۈركەپ ياسالغان قوراللار بار. سىپتا تاش قوراللار، بولۇپمۇ يېرىم ئاي شەكىلدىكى سىپتا تاش قوراللار مۇتەلق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭدىن 7000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، تېپىلغان نەرسىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلىدۇ. مەخسۇس سۆڭەك ئېزىدىغان توقماق، ئۇغۇر قاتارلىقلارمۇ بار. يەنە سۆڭەك ئوتىغۇچمۇ تېپىلغان. قەبرىدىن قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ قېزىۋېلىنغان. نەقىشلەشنگەن زىننەت بۇيۇملىرىدىن سۆڭەكتىن ياسالغان بۇغا، ھاك تېشىدىن ياسالغان پىل، ھاڭ تېشىدىن ياسالغان گۆشىگۈچى ھايۋان ۋە كالتسىدىن ئويۇلغان ئادەم بېشى قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.