UyghurMain Dictionary
ناسىخ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەنسۇخ قىلغۇچى؛ كۆچۈرگۈچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇسخا ئالغۇچى؛ بىر كىتابنى كۆچۈرۈپ ئالغۇچى؛ بىكار قىلغۇچى، تۈگەتكۈچى، باتىل قىلغۇچى، يوققا چىقارغۇچى، ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بىكار قىلىش> ياكى <ئەمەلدىن قالدۇرۇش> دېگەنلىك بولۇپ، <قۇرئان كەرىم> دىكى كېيىن نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بۇرۇن نازىل بولغان ئايەتلەرنى ناسىخ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز... > (2 - سۈرىنىڭ 106 - ئايىتىدىن). مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال بولىدۇ: (1) مەلۇم ئايەتنى ئوقۇش توختىتىلىدۇ. (2) مەلۇم ئايەتكە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئەھكاملار بىكار قىلىنىدۇ. (3) مەلۇم ئايەتنى ئوقۇش توختىتىلىدۇ ھەمدە شۇ ئايەتكە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئەھكاملار بىكار قىلىنىدۇ. بىكار قىلىنغان ئايەت <مەنسۇخ> دېيىلىدۇ. ناسىخ - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن مۇھىم پرىنسىپتۇر. بىكار قىلىنغان ئايەتلەر توغرىسىدا مۇفەسسىرلەر مەخسۇس تەپسىر قىلغان. لېكىن، بىكار قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى پىكرى پەرقلىنىدۇ. بەزىلەر بىكار قىلىنغان ئايەت 500 دىن ئاشىدۇ. دېسە، بەزىلەر بەش ئايەت بىكار قىلىنغان دەيدۇ. ئادەتتە كىشىلەر 20 ئايەت بىكار قىلىنغان، دەپ قارايدۇ. دىنىي كىتابلاردا ناسىخقا يول قويۇش پرىنسىپى يەھۇدىي دىنىدا، ئىسلام دىنىدا قوللىنىلغان.