Uyghur←ChineseMain Dictionary
ناسسېر سۇ ئامبىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
纳赛尔水库
nà sài ěr shuǐ kù
ئافرىقىنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشى. 1971 - يىلى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسىۋان رايونىدا ئاسىۋان توسمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن غايەت زور سۈنئىي كۆل. سۇ ئامبار توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 111 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4200 مېتىر كېلىدۇ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 501 كىلومېتىر (بۇنىڭ 101 كىلومېتىرى سودان ئىچىدە)، مەيدانى 3994 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. سۇ ساقلاش ئىقتىدارى 163 مىليارد 860 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. بۇ سۇ ئامبىرىدىن سۇغىرىش، توك ئېلىش، تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قاتناش ھەم بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. ئاسىۋان ناسسېر سۇ ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايوننىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكىدە زور يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى. ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن بشقا ماشىنىسازلىق، پولات، سېمونت قاتارلىق يېڭى سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى، مىسىرنىڭ يېڭى سانائەت رايونىغا ئايلاندى.