Uyghur←ChineseMain Dictionary
نارىنو
دۇنيا تارىخى
纳里诺
nà lǐ nuò
(1765 - 1823) كولومبىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. بوگۇتادا تۇغۇلغان. 1795-يىلى <كىشىلىكھوقۇقى خىتابنامىسى> نى مەخپىي تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن ئىسپانىيە تۈرمىسىگە قامالغان، كېيىن فرانسىيە ۋە ئەنگلاىيىگە قېچىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن. 1797-يىلى يېڭى گراناداغا قايتىپ كېلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخپىي تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان چاغلاردا قويۇپ بېرىلگەن ياكى قېچىپ كەتكەن. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا پائال قاتناشقان، 1811-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1812 - 1813-يىللىرى مۇستەقىل ئۆلكە كوندىناماركانىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، قوشما شتاتچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا تارتىلغان ھەمدە غەلىبە قىلغان. 1814-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئىسپانىيىدىكى كادىسقا قامالغان. 1820-يىلى قويۇپ بېرىلگەن، كولومبىيىگە قايتىپ بولىۋارغا ياردەملەشكەن. ئىككىنچى يىلى كېڭەش پالاتاسىغا سايلىنىپ كىرگەن ھەمدە بۈيۈك كولومبىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. ئىككى ئايدىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن.