UyghurMain Dictionary
ناپېر
دۇنيا تارىخى
(1810 - 1890) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى ئوفىتسېر. ئەنگلاخيىنىڭ كولومبودىكى مۇستەملىكىچى ئوفىتسېر ئەنگلاىيىنىڭ كولومبودىكى مۇستەملىكىچى ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1826-يىلى ئادىسكومبې ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلاىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى بېنگال قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ساپيور سىگوند لېتېنانت بولغان. 1845 - 1859-يىللىرى ھىندىستانغا قارىتا ئېىپ بېرىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان. 1858 - 1859-يىللىرىدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1860-يىلى جۇڭگو تەيپىڭ - تيەنگوئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1867-يىلى ئەنگلاىيە يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا ماگدالادا تېئودور Ⅱ نىڭ قوشۇنىنى يەڭگەن. ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەن. كېيىن يەنە ئەنگلاىيىنىڭ ھىندىستاندىكى قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى (1870 - 1876)، جەبىلتارىق باش ۋالىيىسى (1876 - 1883) ۋە لوندون مۇنارى ئامانلىقىنى قوغداش باشلىقى بولغان (1886 - 1890).