Uyghur←ChineseMain Dictionary
نانتې پروگراممىسى
Domain: دۇنيا تارىخى南特纲领
nán tè gāng lǐng
فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ يەر پروگراممىسى. بۇ پروگرامما نانتې قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1894-يىلى( ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەر پروگراممىسىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنىڭ كونكرېت ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن ۋە مۇقەددىمە يازغان. ئاخىرى گېيدې ۋە لافاراگلار تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. پروگراممىنىڭ مۇقەددىمىسىدە سوتسىيالىزمنىڭ مەجبۇرىيىتى <ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دۆلەت خگزىنىسى، جازانىخورلار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ ئىگىلىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش>، <باشقىلارنىڭ يېرىنى تېرىيدىغان ئىجارىكەش دېھقانلار بىلەن ھوسۇلنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئىگە بولىدىغان دېھقانلار، ھەتتا مەدىكارلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغانلارنىمۇ ………ئوخشاشلا قوغداش> تىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. پروگراممىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا 18 تۈرلۈك كونكرېت تەلەپ قويۇلغان. بۇ پروگرامما ئاساسىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، لېكىن سوتسىيالىزم دېھقانلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى ۋە باي دېھقانلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى قوغدىشى كېرەكلىكى بىر تەرەپلىمە تەكىتلەنگەن. بۇ پروگرامما كېيىن ئېنگېلس تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.