Chinese→UyghurMain Dictionary
南森
دۇنيا تارىخى
نانسېن
(1861 - 1930) نورۋېگىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپقا بارغان ساياھەتچىسى، دېڭىز - ئوكيان ئالىمى، سىياسىي ئەرباب. ئوسلو داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېرگېن تەبىئىي مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان. 1888 - 1889-يىللىرى چانىغا ئولتۇرۇپ گرېنلاند ئارىلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، قىش مەزگىلىدە ئېسكىموسلارنى تەتقىق قىلغان. 1893-يىلى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىمالىي مۇز ئوكياننى تەكشۈرۈشكە بارغان، پاراخوت شىمالىي مېرىدىئان 83。59/ دا توختىغان؛ لەيلەپ 85。57/ گە بېرىپ قالغان؛ 1895-يىلى مۇز ئۈستىدە چانىغا ئولتۇرۇپ 86。14/ قا بارغان بولۇپ، ئەينى چاغدا يەر شارىنىڭ ئىنسانلار يېتىپ بارغان ئەڭ شىمالدىكى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. 1896-يىلى داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي قۇتۇپقا بارالمىغان، شۇنداقتىمۇ شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ بەزى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەن. 1897-يىلىدىن باشلاپ ئوسلو داشۆسىنىڭ زوئولوگىيە ھەمدە دېڭىز - ئوكيانشۇناسلىقى بويىچە پروفېسسورى بولغان. 1901-يىلى خەلقئارا دېڭىز ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1905-يىلى خەلقئارا دېڭىز ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1905-يىلى نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيىنىڭ بۆلىنىپ كېتىش سۆھبىتىگە قاتناشقان. 1906 - 1908-يىللىرى نورۋېگىيىنىڭ ئەنەلىيىدە تۇرۇشلۇق تۇنجى ئەلچىسى بولغان. 1910 - 1914-يىللىرى يەنە تۆت قېتىم ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياننى تەكشۈرگەن. 1920-يىلىدىن باشلاپ نورۋېگىيىنىڭ خەلقئارا ئىتىتپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان، كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇش ۋە خەلقئارا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرنى قۇتقۇۇزش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1922-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <گرېنلاند ئارىلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش>، <ئىسكىموسلارنىڭ تۇرمۇشى>، <نورۋېگىيە ۋە ئۇنىڭ شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىشى> ۋە <ئەرمەنلەر ۋە يېقىن شەرق> قاتارلىق كىتابلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
南森〈澳〉
nán sēn
ناسون