Chinese→UyghurMain Dictionary
囊胚
Domain: بىئولوگىيەخالتىلىق تۆرەلمە
ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى بىر باسقۇچى، ۋاسالغۇسىمان (ئۈجمىسىمان) تۆرەلمىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بۇ چاغدىكى تۆرەلمە نۇرغۇنلىغان بۆلۈنگەن شارچىلاردىن تەركىب تاپقان ئوتتۇرىسى كاۋاك شار تەنچىدىن ئىبارەت بولۇپ، خالتىلىق تۆرەلمە دېيىلىدۇ. تۆرەلمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كاۋاك بوشلۇق خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقى دېيىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تىپىك خالتىلىق تۆرەلمىسى بوش خالتىىق تۆرەلمە (كاۋاك خالتىلىق تۆرەلمە) بولۇپ، خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. خالتا دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەم خالتا بوشلۇقىنىڭ ئورنىغا قاراپ يەنە ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقى چوڭراق، خالتا دىۋارىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەر بىر قەۋەت ھەمدە چوڭلۇقى نىسبەتەن بىردەك بولىدۇ. مەسىلەن، زىخچە بېلىقنىڭ خالتىلىق تۆرەلمىسى؛ (2) خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقى كۆپ ھاللاردا ھايۋان قۇتۇبىغا ئاغقان بولۇپ، خالتا دىۋارىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەر بىر قانچە قەۋەت، چوڭلۇقىمۇ بىردەك ئەمەس. مەسىلەن، قوش ماكانلىقلارنىڭ خالتىلىق تۆرەلمىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەخسىسىمان خالتىلىق تۆرەلمە بولۇپ، ئۇنىڭ خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقى تار بىر يوچۇقتىن ئىبارەت. ئۇ تۆرەلمە تەخسىسىنىڭ تۆۋەندىكى تەرىپى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. مەسىلەن، قۇشلار، يەر باغىرلىغۇچىلار ۋە بەزى بېلىقلارنىڭ خالتىلىق تۆرەلمىسى. تۆرەلمە پۈۋەكچىسى سۈت ئەمگۈچىلەردە ئالاھىدە بولىدىغان خالتىلىق تۆرەلمە بولۇپ، سىرتقى شەكلى كاۋاك خالتىلىق تۆرەلمىگە ئوخشايدىغان، لېكىن ماھىيەتتە ئوخشاشمايدىغان تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كاۋاك خالتىلىق تۆرەلمە ھېسابلىنىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسالnáng pēi
بلاستۇلا؛ خالتىلىق تۆرەلمەDباغۋەنچىلىك
náng pēi
خالتىسىمان تۆرەلمەDتېببىي
náng pēi
خالتىلىق تۆرەلمە
GetWord Corpus
Pronunciation: 8náng pēi
بلاستۇلا
خالتىلىق تۆرەلمە
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.