Chinese→UyghurMain Dictionary
南非法案
Domain: دۇنيا تارىخىجەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لاھىيىسى
ئەنگىلىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت مۇستەملىكە ۋە ئاپتونومىيە ئوبلاستىدا ئىتتىپاق تەشكىللەش قانۇن لايىھىسى. 1909 - يىلى9 - ئايدا ئەنگىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھىسىدە، كاپې مۇستەملىكىسى، ترانسىۋال، ئورانگې ۋە ناتال قاتارلىقلارنى قوشۇپ جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قىلىشنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. غەيرىي ئاق تەنلىكلەر ۋە باشقا رەڭلىك ئىرقلارنىڭ سايلام ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. پرېتورىيىدە مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان، كاپېتوندا پارلامېنت، بولومفونتېندا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى 1910 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بۈلۇپ، جەنۇبىي ئافرىقائىتتپاقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.