Chinese→UyghurMain Dictionary
南俄工人协会
Domain: دۇنيا تارىخىجەنۇبىي روسىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى
روسىيە ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1875 - يىلنىڭ باشلىرى ئىنقىلابىي زىيالىي زاسلاۋىسكىي (1847 - 1878) ئودېسسادا قۇرۇغان. شۇ چاغدا تەخمىنەن ئاتمىش ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ جەمئىيەتكە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار تەخمىنەن ئىككى يۈز ئەتراپىدا بولغان. دائىم ۋەكىللەر يىغىنى ۋە ھەپتىلىك يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرغان. ئىشچىلارنىڭ بىرلىشىپ، زورلۇق ئىنقىلابى ئارقىلىق كاپىتال ۋە ئىمتىيازلىق سىنىپلارنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككى قېتىملىق ئىش تاشلاش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1875-يىلنىڭ ئاخىرى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. زاسلاۋىسكىي ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاخىرى تۈرمىدە ئۆلگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.