Chinese→UyghurMain Dictionary
南部同盟
Domain: دۇنيا تارىخىجەنۇب ئىتتىپاقى
يەنى ئامېرىكا شتاتلىرى ئىتتىپاقى. ئامېرىكا جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبتىكى توپىلاڭ كۆتۈرگەن شتاتلار قۇرغان ئىتتىپاق. 1861-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان. دەسلەپ جەنۇبىي كرولىنا، گېئورگىيە، فلورىدا، ئالاباما، مىسسىسىپى، لۇئىزانا ۋە تىكساستىن ئىبارەت 7 شتات قاتناشقان. ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن تۈزگەن ھەمدە پارلامېنت تەشكىللىگەن، داۋىد. جېففېرسوننى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىغان. 4-ئايدا ۋىرگىنىيە، ئاركانزاس، شىمالىي كارولىنا ۋە تېننېس قاتارلىق تۆت شتات ئارقا - ئارقىدىن جەنۇب ئىتتىپاقىغا كىرگەن. جەنۇبتىكى ئېكىنزار قۇلدارلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، شىمالدىكى قوشما شتات ھۆكۈمىتى بىلەن تۆت يىل ئۇرۇش قىلغان. 1865-يىلى 4-ئايدا قوشما شتات ئارمىيىسى جەنۇب ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختنى رىسموننى ئىشغال قىلغان، ئىتتىپاق ئارمىيىسى كەينى - كەينىدىن تەلسىم بولغان، شۇنداق ىلىپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىگە خاتىمە بېرىلگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.