UyghurMain Dictionary
نالبانديان
دۇنيا تارىخى
(1829 - 1866) ئەرمىنىيىلىك شائىر، پەيلاسوپ، ئىنقىلابىي دېموكرات. ئۇششاق قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا <قوڭغۇراق>، <زامانىمىزدىكىلەر> ژۇرنىلىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا ئىنقىلابىي دېموكراتىزملىق مەۋقەگە ئۆتۈشكە باشلىغان. 1860-يىلى چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىپ، گېرتسېن، ئوگارېۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇ ئەسەرلىرىدە ئەرمىنىيە خەلقىنىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە سىنىپىي زۇلۇمغا بولغان قارشىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنى قولىغا قورال ئېلىپ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. پەلسەپە جەھەتتە ماددا بىرلەمچى، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، يوقاتقىلى بولمايدۇ، ماددىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى ماددىنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئەرمىنىيە ئەدەبىياتى>، <ئىكى كەلىمە گەپ>، <يېزا ئىگىلىكى ئىشچەنلىك يول>، <گېگېل ۋە ئۇنىڭ دەۋرى> قاتارلىقلار بار.