Uyghur←ChineseMain Dictionary
ناغرا پەردە
Domain: بىئولوگىيە鼓膜
gǔmó
داپ پەردە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا قۇلاق بىلەن تاشقى قۇلاق ئارىلىقىدىكى بىر قەۋەت ئايرىغۇچى پەردە. ئادەمنىڭ ناغرا پەردىسى بىر پارچە تۇخۇم شەكىللىك يېرىم سۈزۈك نېپىز پەردە بولۇپ، قېلىنلىقى تەخمىنەن 1.0 مىللىمېتىر، چوڭلۇقى تەخمىنەن 70 كۋادرات مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئىچكى يۈزى ناغرا خانىدىكى ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرى (بولقا سۆڭەك، سەندەل سۆڭەك ۋە ئۈزەڭگە سۆڭەك) كە تۇتىشىدۇ. ئاۋاز دولقۇنى قۇلاققا كىرگەندە ئالدى بىلەن تاشقى قۇلاق يولىدىن ئۆتۈپ ناغرا (داپ) پەردىنى تەۋرىتىپ ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرى ئارقىلىق ئىچكى قۇلاققا يەتكۈزۈلىدۇ. ھەمدە ئىچكى قۇلاقتىكى باشقا ئاڭلاش سەزگۈ قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق ئاڭلاش سېزىمى بارلىققا كېلىدۇ. ناغرا (داپ) پەردە سىرتتىن زەخىملىنىش ياكى كېسەللىك پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېشىلىپ قېلىش ۋە يىرتىلىپ كېتىش نەتىجىسىدە ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ناغرا پەردىدە بەلگىىك رېگىنراتسىيە (قايتا ئۆسۈش) ئىقتىدارى بولىدۇ. شۇڭا كىچىك تۆشۈكلەر داۋالاش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىپ ساقلىيالايدۇ - دە، ئاڭلاش سېزىمى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.
تېببىي,ئاناتومىيە
鼓膜
gǔ mó
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.