Uyghur←ChineseMain Dictionary
ناگىب
دۇنيا تارىخى
纳吉布
nà jí bù
(1901 - 1984) مىسىر زۇڭتۇڭى (1953 - 1954). سۇداندىكى خارتۇم شەھىرىدە تۇغۇلغان. قاھىرە خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتىدا ۋە فۇئاد Ⅰ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1848-يىلدىكى پەلەستىن ئۇرۇشىدا برىگادىر بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن گېنېرال لېيتېنانتلىققا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن فەرۇق Ⅰ (1920 - 1965) گە قارشى ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، <ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى> نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1952-يىلدىكى مىسىر ئىيۇل ئىنقىلابى فەرۇق خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1953-يىلى 6-ئايدا مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ھەم ئىچكى كابىنېتىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. ھۆكۈمەتتە ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگۈچىلەر بىلەن زىددىيىتى بولغاچقا، ئىككىنچى يىلى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە 17 يىل (1954 - 1971) نەزەربەند قىلىنغان