UyghurMain Dictionary
ناگائوكا خانتارو
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1950) ياپونىيىلىك فىزىك. فىزىكا ئىلمى دوكتورى. 1887-يىلى ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1893-يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. 1896-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا (ئىككىنچى يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن) پروفېسسور بولغان. 1922-يىلدىن باشلاپ، فىزىكا، خىمىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ناگائوكا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1931-يىلى ئوساكا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان. 1934-يىلى ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1939-يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولغان. كۆپ يىل اىزىكا ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. يەر شارى فىزىكا ئىلمى، سۇيۇقلۇقلار مېخانىكىسى، ئوپتىكا قاتارلىق ساھەلەردە نەتىجە قازانغان. ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان فىزىكائىلمىنىڭ مۇھىم ئساسھىلىرىدىن بىرى. 1903-يىلى ساتورىنسىمان ئاتوم يادرو مودېل نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغان. 1924-يىلى ئۆزگىچە ئاتوم تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1937-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت مېدالىغا ئېرىشكەن. <يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ تارقىلىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.