UyghurMain Dictionary
نادان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىلىمىسز، نادان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىمدىن خەۋىرى يوق، مەلۇماتى يوق.
بىلىمسىز ئادەم ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. بىلىمسىز بالا موزايدىنمۇ يامان. بىلمىسىز تۆردە ئولتۇرسىمۇ، ئۇ تۆرنىڭ پەگاھتىن پەرقى يوق. ئىلىمسىز كىشى نېمە؟ ھايۋان پەقەت، جانسىز تەن، بېزەكلىك بىر ئايۋان پەقەت. نادانغا سۆزلىگەن ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم. نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم ساھەسىدە كەمتۈك، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئاقىل، ئالىم، دانا، دانىشمە
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىدە يېتىشكەن.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئاقىل ئەل غېمىدە، نادان گال غېمىدە. ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك، ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك. دانالار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. دانانىڭ قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىقنىڭ دەردىنى ساق. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشمەننىڭ كۈندىشى كۆپ. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئىلىم - پەندىن خەۋرى يوق، ئاڭ چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تەربىيىلىنىشى تولۇق بولمىغان ياكى تەربىيە كۆرمىگەن.
نادان ئادەم.
زېھنىي ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت، گالۋاڭ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
- قانداق نادان بالا ماۋۇ، ئوھۇش، - دېدى ھېلىقى خوتۇن پەرھاتنىڭ قوللىرىنى قاتتىق سىلكىپ، - ئاۋۇ چەتكە قويمامسەن؟!