UyghurMain Dictionary
مىئراج ئايىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى <پەلەمپەي>، <يۇقىرىغا چىقىش> دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى ئايەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھىجرىيە 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مالائىكە جىبرىئىلنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇراققا مىنىپ مەككىدىن ئېرۇسالىمغا كەلگەن ھەمدە ئۇ يەردىن مىئراجغا چىقىپ، يەتتە قات ئاسماننى ئايلانغان، قەدىمكى پەيغەمبەرلەرنى كۆرگەن ھەمدە جەننەت ۋە دوزاخنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تاڭ ئاتقاندا مەككىگە قايتىپ كەلگەن. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلىدۇ. <ئاللا (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسچىتى ھەرامدىن ئەتراپنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىتى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى> (17 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتى). شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئېرۇسالىمنى <ئۈچ مۇقەددەس جاي> نىڭ بىرى ھېسابلايدۇ ھەمدە شۇ كۈنى ئايەم قىلىدۇ. شۇ كۈنى كېچىسىنى <مىئراج كېچىسى> دەپ بىلىدۇ. ھەر يىلى شۇ كۈنى كېچىسى مۇسۇلمانلار ئىبادەت، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.