Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىئورا بايېن
Domain: دۇنيا تارىخى三浦梅园
sān pǔ méi yuán
(1723 - 1789)، ياپونىيىنىڭ ئىدۇ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئۆتكەن پەيلاسوپ ۋە ئىقتىسادشۇناس. ئۇ ئوئىتا بەگلىكىنىڭ شەرقىي ۋىلايىتىدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىسمى شىن، تەخەللۇسى بايېن، 20 ياشتا ئاسترونومىيە ئۆگىنىشگە ئىرادە باغلىغان ۋە ئاسمان ھادىسلىرىگە ئائىت مودېل ياسىغان. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىدە ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا <تەرتىپ> مەۋجۇت تۇرۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن. <مىستىكا> (پەلسەپە قائىدلىرى)، <چۇييۇ> (پەلسەپە قائىدىلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ساددا دىئالېكتىك ئىدىيىدە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا <قىممەت قانۇنىيىتى> (ئىقتىساد توغرىسىدا) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا <ئالتۇن - كۈمۈش كۆپ بولسا، مال باھاسى قىممەتلىشىدۇ، ئالتۇن - كۈمۈش كۆپ بولسا، مال باھاسى قىممەتلىشىدۇ، ئالتۇن - كۈمۈش ئاز بولسا، مال باھاسى ئەرزانلىشىدۇ> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ، ئەمەلىيەتتە پۇل مىقدارى تەلىماتىغا يېقىنلىشىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.