Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېخانىكىلىق توقۇلما
Domain: بىئولوگىيە机械组织
jīxièzǔzhī
ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى تىرەكلىك رولىنى ئوينايدىغان توقۇلما. ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرى كۆپىنچە ئۇزۇن (باشقا خىل شەكىلدىكىلىرىمۇ بار) بولىدۇ. ھۈجەيرە پوستىنىڭ قىسمەن ئورنى ياكى ھەممە يېرى قېلىنلىشىدۇ، ياغاچقا ئايلىنىدۇ ياكى ئايلانمايدۇ. شۇڭا نىسبەتەن كۈچلۈك تىرەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. بەزى مېخانىكىلىق توقۇلما ھۈجەيرىلەر پوستىنىڭ قېلىنلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، ھۈجەيرىسى ئۆلگەن بولۇپ، تىرەكلىك كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، تالا ۋە تاش ھۈجەيرە (قېلىن پوستلۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ). بەزى مېخانىكىلىق توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ پوستىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى قېلىنلىشىپ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرەكلىك كۈچى ئاجىز بولىدۇ. مەسىلەن، قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. مېخانىكىلىق توقۇلما ئۆسۈملۈككە كەڭ تارقالغان بولۇپ، قاناللار باغلىمىدا بىرقەدەر زىچ بولغاندىن سىرت باشقا ئورۇنلارغىمۇ تارقىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك,ئۇنىۋېرسال
机械组织
jī xiè zǔ zhī
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.