Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىخايلوۋسكىي
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى米哈伊洛夫斯基
mǐ hā yī luò fū sī jī
Domain: دۇنيا تارىخى米海伊洛夫斯基
mǐ hǎi yī luò fū sī jī
(1842 - 1904) روسىيىلىك سوتسىئولوگ ۋە سىياسىي ئوبزورچى. لىبېرال نارودنىڭ مۇتەپپەككۇرى. كاتتا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ كان قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپ <ۋەتەن خاتىرىلىرى> ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1892-يىلى <روسىيە بايلىقى> ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ سۇتسىئولوگىيىدە سۇبيېكتىپ ئۇسۇلنى قولىغان، <تەنقىدىي تەپەككۇر> لىك كىشىلەر تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ھېسابلاپ، <قەھرىمانلار>، <قارا خەلق> كە رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك دېگەننى تەرغىپ قىلغان. بۇ خىل ئىدېئالىستىك نەزەرىيە، نارودنىكلارنىڭ شەخسىي تېررورلۇق تاكتىكىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. ئۇ، غەيرىي كاپىتالىزملىق تەرەققىيات يولى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەرغىپ قىلغان. كېيىنرەك خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە يېقىنلاشقان. 90-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەسەر - ماقالىلەر يېزىپ، ماركسىزمغا قارشى چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ئىلگخرىلەش دېگەن نېمە؟>، <قەھرىمانلار ۋە قارا خەلق> قاتارلىقلار بار. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ <ئەسەرلىرى توپلىمى> نەشر قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.