UyghurMain Dictionary
مۇز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇز تېيىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان مۇزلۇق.
ئۈرۈمچى تەنتەربىيە مەيدانىدا خېلى ياخشى كاتۇك بار. شىنجاڭ داشۆ مۇز مەيدانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەنھەرىكىتى ئۈچۈن قولايلىق تۇغدۇردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىيىر، قوي - ئۆچكە، كىيىك - بۇغىلارنىڭ بېشىدىكى قاتتىق نەرسە. ئومۇمەن ئۇزۇن ۋە ئەگمەچ بولىدۇ، ئۇچى ئۇچلۇق كېلىدۇ.
<مۇز> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە. بۇغىنى ئىنچىكە پۇتى قۇتۇلدۇرۇپ، يوغان مۈڭگۈزى تۇتۇلدۇرىدۇ. خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن، خۇدايىم ئېشەككە مۈڭگۈز بەرگەن بولسا، ئېشەك ھەممىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرەر ئىدى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
مۈڭگۈز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <فىز> سۇنىڭ سېلسىيە نۆل ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن گرادۇسقا سوۋۇپ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان قاتتىق جىسىم.
مۇز قاتماق. مۇز تۇتماق.
سۈپ. كۆچمە. سوغۇق، توڭ، يېقىمسىز.
مۇز چىراي. مۇز قاپاق.