Chinese→UyghurMain Dictionary
牧月起义
دۇنيا تارىخى
چوپان ئيى قوزغىلىڭى
فرانسىيە پارىژ خەلقىنىڭ تومۇز ئايچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى بولۇپ، 1795-يىلى چوپان ئېيىدا يۈز بەرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. مايسا ئېيىدىكى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژدا ئاچلىق ۋە تېررورلۇق كۈچەيگەن، پارىژ خەلقى چوپان ئېيىنىڭ 1-كۈنى (5-ئاينىڭ 20-كۈنى) قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەۋجۇت ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جاكارلاپ، 1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى يولغاق قويۇشنى، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مىللىي ئۇيۇشمىنى بىر مەھەل كونترول قىلغان، لېكىن كەچ كىرگەندە مىللىي ئۇيۇشما يۆتكەپ كەلگەن قوشۇن تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. ئەتىسى سېن - ئانتون شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئىشچىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلغان، لېكىن رەھبەرلىك كەمچىل بولغانلىقتىن، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. چوپان ئېيىنىڭ 4-كۈنى كەچتە قوزغىلاڭچىلار قورالسىزلاندۇرۇلغان. تاغلىقلارنىڭ 14-كۈنى كەچتە قوزغىلاڭچىلار قولغا ئېلىنغان ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. پارىژ خەلقىنىڭ كۈچى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان.