UyghurMain Dictionary
مۇئەتتەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇشبۇي، خۇش پۇراق، ئەتىر پۇراقلىق:
گەر شانە قىلساڭ زۇلفۇڭ خەيالىن،
مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر.
ھاپىز خارەزمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پۇراقلىق، خۇشبۇي، ئەتىرلەنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ.يېزت. يېقىملىق ھىد چاچقۇچى؛ خۇش پۇراق، خۇشبۇي.
چىمەن گۈلشەنلىرى خويمۇ مۇئەتتەر، مۇئەتتەر گۈللىرى گوياكى ئەختەر.
ئى. <خىم> بىرقانچە خىل پۇراقلىق ماتېرىيالنى تەڭشەش ئارقىلىق تەييارلانغان ئارىلاشما پۇراقلىق ماتېرىيال.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
خۇش پۇراق