UyghurMain Dictionary
مۇئەييەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېنىق، مەلۇم؛ روشەن؛ ئاشكارا؛ مەخسۇس، خاس:
كۆرۈپ شاھ ئۇشبۇ كەرامەتنى،
مۇئەييەن كۆرۈپ بۇ ئەلامەتنى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەلگىلەنگەن، تەيىن قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە، تېگىشلىك، ئىجابىي.
شىنجاڭدا مەدەنىيەت ئىشلىرى بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. خىزمەتتە مۇئەييەن ئۇتۇق قازانساڭ، ئۆز ھېسابىڭغا يازما، كۆپچىلىكنى ئويلا. مۇئەييەن مەدەنىيەت _ مۇئەييەن جەمئىيەت. سىياسەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىنكاسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ھەممىگە مەلۇم بولغان، ئېنىق، ئاشكارا، بەلگىلىك.
ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شارائىت كېرەك.