Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇئاۋىيە
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
穆阿维叶
mù ā wéi yè
دۇنيا تارىخى
穆阿维叶
mù ā wéi yè
(600 - 680) ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (661 - 680). قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ئاقسۆڭەك باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەبۇ سوفياننىڭ ئىككىنچى ئوغلى. مىلادى 640-يىلى سۈرىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 655-يىلى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، ئەرەب كېمە ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ۋىزانتىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. 657-يىلى ھەزرىتى ئەلى بىلەن خلىپىلىكنى تالىشىپ، سىففىن جېڭىنى ئېلىپ بارغان. 661-يىلى ھەزرىتى ئەلى خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۈرىيە ۋە مىسىردىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن خەلىپە قىلىپ تىكلىنىپ، ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرغان. دەمەشق پايتەخت قىلىنغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە غەربتە شىمالىي ئافرىقىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان، شەرقتە خوراساننى بويسۇنۇدۇرغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخاراغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 669-يىلى شاھزادىنى قوشۇن تارتىپ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئۆز ئوغلىنى ۋەلىئەھدى قىلىپ بېكىتكەن. خەلىپىلىك شۇنىڭدىن باشلاپ ۋارىسلىق بولۇپ قالغان.