Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇخسىمان ھايۋانلار
بىئولوگىيە
苔藓动物
táixiǎndòngwù
بريوزوئالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ. ياكى مولليۇسكسىمانلار تىپىنىڭ بىر سىنىپى قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. مۇقىملىشىپ، كولونىيە ھالىتىدە ياشايدۇ. كولونىيىسى شاخلانغان بولۇپ، سىرتقى شەكلى مۇخسىمان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاپ قالغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئىندىۋىدلىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ سىرتىنى ئۆزى ئاجرىتىپ چىقارغان مۈڭگۈز ماددىلىق ياكى كالتسىي ماددىلىق قۇرتخانىسى (زوئو ئېتسيوم) ئوراپ تۇرىدۇ. قۇرتخانىلىرى ئۆزئارا تۇتىشىپ كولونىيىنىڭ سۆڭەك جازىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئېغىزى قۇرت تېنىنىڭ ئالدى ئۇچىدا بولىدۇ. ئەتراپىدا بىر تاجىسىمان قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سېزىش بارماقچىلىرى ئۆسكەن، بۇ، ئومۇمىي چاق ياكى <سېزىش بارماقچىلىرى تاجى> دېيىلىدۇ. تېنى بوغۇملانغان. كېيىنكى تەن بوشلۇقى تەرەققىي قىلغان، ھەزىم قىلىش يولى U شەكىللىك. ئېغىزى بىلەن ئانۇسى بىر تەرەپكە قارىغان بولۇپ، ئېغىزى ئانۇسىنىڭ ئىچىدىن ئېغىز ئاچقان، ئانۇسى بولسا، تاجىنىڭ سىرتقى يېنىغا جايلاشقان. قان ئايلىنىش، ئاجرىتىپ چىقىرىش (چىقىرىۋېتىش) ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىلىرى بولمايدۇ. گېئولوگىيىلىك دەۋرىدىكى تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. ئودوۋىك دۋرىدىلا پەيدا بولغا بولۇپ، ھازىرغىچە ياشاپ كەلمەكتە. تاتلىق سۇدىكى تۈرلىرى ئازراق، كۆپىنچە دېڭىزلاردا ياشايدۇ، ھەممىدە دۇنيا خاراكتېرلىك تارالغان. مەسىلەن، پەيسىمان مۇخ قۇرت (plumatella)، سۈزۈك سۇلاردا كۆل ياقىسىدىكى تاشلارغا ياكى ئۆسۈملۈكلەرگە چاپلاشقان ھالدا ھايات كەچۈرىدۇ؛ دېڭىزدىن چىقىدىغان تۈرلىرىدىن چىمسىمان مۇخ قۇرت (Bugla) لامىنارىيىنىڭ ئۈستىدە كۆپىيىدۇ؛ كىگىزسىمان موخ قۇرت (Flustra) مولليۇسكلارنىڭ قاپچۇقىدا ياشاپ لامىنارىيە ياكى قۇلۇلىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.