Chinese→UyghurMain Dictionary
母系氏族制
دۇنيا تارىخى
ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى
ماترىئارخال تۈزۈمىدىكى ئۇرۇقداشلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ، قانداشلىقنى ۋە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشنى ئانا جەمەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرى گېرەلىشىپ كەتكەن مەزگىل (كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى) دە مەيدانغا كېلىپ، جاھالەت دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچ (ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى) دە ئورنىتىلىپ، ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچى (يېڭى تاش قورال دەۋرى)غا كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىپ، ئۇزاق زامانلارنى باشتىن لەچۈرۈپ، كېيىن ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ تىپىك شەكىللىرى، يازما تارىخ مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنلار دېگۈدەك يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇق سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئاز ساندىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەردىن ئروكىزلار يېقىنقى زامانغىچە يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلگەن. ئارخېئولوگىيە، تارىخ ئەسەرلىرى ۋە مىللەتشۇناسلىق ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى، ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: ئاياللار يىغىش ۋە ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كۈندىلىك يىمەكلىك ۋە كېيىم - كېچەكلەرنى تەييارلىغان شۇنداقلا ئائىلەئشلىرىنى باشقۇرغان، شۇ سەۋەپتىن، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان؛ تۈپ نىكاھلىنىش ۋە جۈپ نىكاھلىنىش (ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنغان) يولغا قويۇلۇپ، <ئەرنىڭ ئايال تەرەپنى يوقلاش> ياكى <ئەرنىڭ ئايال تەرەپتە ئۆي تۇتۇش> ئۇسۇلى قوللىنىپ، قان سىستېمىسى ئايال جەمەت بويىچە ھېسابلانغان. شۇ سەۋەپتىن ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق جامائەسى، ئەمەلىيەتتە، ئايال ئەجداتىنىڭ ئارىسىدىكى ھەرقايسى دەۋر قىزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تەركىپ تاپقان قانداشلىق تەشكىلاتى بولغان؛ مال - مۈلۈككە ئانا جەمەت ۋارىسلىق قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ مۈلكىنى ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق ئەزالىرى بۆلۈشۈۋالغان، ئايال تەرەپ مال - مۈلۈكنىڭ ئەر تەرەپ ئۇرۇقداشلىقىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويۇلمىغان؛ ئاياللار جەمئىيەتتە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىنغان ھەمدە جامائەت ئىشلىرى (ئالايلۇق، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى سايلاش قاتارلىقلار) غا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا كەلەەندە، ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە جامائەسى (ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلە)، يەنى ئايال ئائىلە باشلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر نەچچە جۈپ ئەر - ئايالدىن تەركىپ تاپقان ئىپتىدائىي ئورتاق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئائىلە بارلىققا كەلگەن.
قانۇن
mǔ xì shì zú zhì
ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم