UyghurMain Dictionary
مۇۋەششەھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىسرالار ئاىسىغا يوشۇرنغان سۆز؛ شېئىرىنىڭ بىر خىل شەكلى، شائىر ئۆز پىكىرىنىڭ يىغىنچاقلانغان مەزمۇنىنى ياكى شېئىر مىسرالىرىغا يوشۇرۇپ ئىپادىلەيدىغان بىر خىل شەكىل. ھەر بىربېيىتنىڭ تاق مىسراسىنىڭ باش ھەرپىنى ئېلىپ بىر - بىرىگە قوشسا شۇ مەنە كېلىپ چىقىدۇ.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە زىننەتلەنگەن، بېزەنگەن سۆزىدىن
ھەربىر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسرالىرىدىكى بىرىنچى ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن شائىر قەلەمگە ئالغان شەخس نامى ياكى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار كېلىپ چىقىدىغان لىرىك شېئىر. مەسىلەن: ل. مۇتەللىپنىڭ «شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ» ناملىق شېئىرىدىن «ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن خىتاب چىقىدۇ.
تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ كۆرەيلى:
چىرايلىق بىر قىز كۆردۈم،
بەختىيارلەر باغىدا.
ئەترە گۈللەر ساچىدۇ،
ھەربىر كۈلگەن چاغىدا.
رەنا قىز شۇنچە گۈزەل،
بىر كۆرگەن ئاڭا شەيدا.
ئاي يۈزىدىن نۇر تامار،
قارا كۆزلىرى شەھلا.
سورىدىم: ھەربىر بېيىتتەدۇر.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مۇۋەششەھتىن «چەراس» دېگەن ئىسىم كېلىپ چىقىدۇ. نام بەزىدە ھەممىلا مىسرالارنىڭ باش ھەرپلىرىدىمۇ ھاسىل بولىدۇ.
خىلمۇخىل ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىللەر (غەزەل، رۇبائىي ...) گە ئوخشاش مۇۋەششەھمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدا يېڭىچە مەزمۇن بىلەن مەيدانغا كەلمەكتە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىسرالار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان سۆز؛ شېئىرنىڭ بىر خىل شەكلى. شائىر ئۆزىنىڭ پىكرى ياكى بېغىشلىغۇچىسىنىڭ ئىسمىنى شېئىرىغا قاتىدىغان شەكىل. ھەر بىر تاق مىسرانىڭ باش ھەرىپىنى قوشۇپ ئوقۇسا شۇ مەنە كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ھەربىر بېيتنىڭ بېشىدىكى ياكى ھەربىر مىسرانىڭ بېشىدىكى ھەرپلەرنى قۇراشتۇرسا كىشى ئىسمى ياكى بىرەر مەنىلىك سۆز چىقىدىغان شېئىر شەكلى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ <دۇستۇمغا مۇۋەششەھ> دېگەن شېئىرنى يازغان.