UyghurMain Dictionary
مۇۋاھىد خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئالموھاد خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بەربەرلەرنىڭ فېئوداللىق خاندانلىقى (1121 - 1269). 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەر ئارىسىدا مۇرابىت خاندانلىقىغا قارشى ھەرىكەت پەيدا بولغان. ئۇنىڭ رەھبىرى - ئىسلام تىنولوگى مۇھەممەد ئىبنى تومارت (؟ - 1128) ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى يەنى بىر ئىلاھلىق ئەقىدىسىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى مۇۋاھىدۇن (<بىر ئىلاھلىقلار> مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. ئىسپانچە ئالموھاد دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد تومارت ئۆزىنى مەھدى (<قۇتقۇزغۇچى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىۋالغان ھەمدە 1121-يىلى ماسمۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ مۇ ۋاھىد خاندانلىقىنى قۇرغان ئۇنىڭ ۋارىسى ئابدۇل مۇمىن (1129 - 1162-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ئۆزىنى خەلىپە قىلىپ تىكلەپ، 1147-يىلى ماراكەش شەھىرى (ماراكەش زېمىنىدە) نى بېسىۋېلىپ، ئۇنى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇرابىت خاندانلىقىنى يوقاتقان. كېيىن، ئابدۇل مۇمىن ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە پۈتكۈل مەغرىبنى ئىشغال قىلغان. بۇ خاندانلىقنىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلىرى بەربەر كۆچمەنلىرىگە بولغان زۇلۇمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىلە ئىسپانىيىدە دىنىي زىيانكەشلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. 1212-يىلى دوروسا جېڭىدە كاستىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1269-يىلى بەربەر قەبىلىسى ماراكەش شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ مارىنىد خاندانلىقى (1269 - 1465) نى قۇرغان. مۇۋاھىد خاندانلىقى يوقتىلغان. خاندانلىقنىڭ باشقا مۇھىم ھۆكۈمرانلىرى ۋە تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق< يۈسۈپ (1163 - 1184)، مەنسۇر (1184 - 1199) قاتارلىقلار.