UyghurMain Dictionary
مۇتتەھەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۆھمەتكە قالغان؛ ئەيىبلەنگەن، گۇناھكار دەپ ھېسابلانغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارىلانغان، ئەرز قىلىنغان، ئەيىبلەنگەن؛ جاۋابكار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
باشقىلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان؛ ئورۇنسىز بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئۇششۇق.
توۋا، نېمانداق مۇتتەھەم ئادەم بۇ.