UyghurMain Dictionary
مۇتەكەللىمۇن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز «كەلىمە» (سۆز) دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگىرىپ پەيدا بولغان. ئەسلىي مەنىسى «سۆزلىگۈچى» ياكى «ھەق - ناھەقنى ئايرىغۇچى ئۆلىما» دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى مۇتەكەللىمۇن (ئاقائىد ئالىمى) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تارىختا مۇئتەزىلىيەنىڭ ئەزالىرى كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇلار ھەم سۈرە - ئايەتلەرگە پىشىشق بولغان، ھەم پىكرەنلىك ئۇسۇلىنى تەتىبقلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەزىيىۋى قاراشلىرىنى بايان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاللانىڭ ماھىيىتى ۋە سۈپىتى، ئاللانى كۆرگىلى بولامدۇ - يوق ؟ تەقدىر ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرى ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئېتىقادى بىلەن مۇئتەزىلىيەنىڭ ئەقىل ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسىنى تىرىشىپ مۇرەسسە قىلىپ، بىلىمنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى «ئىدراك» ئەمەس، بەلكى «ۋەھىي» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ تەلىماتى ئىسلام دىنىدا ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگلەيدىغان ئەقائىد ۋە پەلسەپە ئەقىدىسى بولۇپ شەكىللەندى ھەمدە ئەشئەرىيەگە تەرەققىي قىلىدى. كېيىن بۇ ئاتالغۇ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ خاس نامى بولۇپ قالدى.