Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇتاتسىيە
بىئولوگىيە
突变
tūbiàn
ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى DNA مولېكۇلىسىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ رېتى، سانى ۋە تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى ۋە گېننىڭ مۇتاتسىىسىگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقىسى خروموسومىلار سانى ۋە تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، كېيىنكىسى بەلگە يۆتكىلىپ مۇتاتسىيىلىنىش، ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خروموسومىلارنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىشى ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ نىسبەتەن چوڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئادەتتە سىتولوگىيە جەھەتتە ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، گېننىڭ مۇتاتسىيىسى بولسا، DNA مولېكۇلىسىنىڭ مەلۇم ئورنىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپ، سىتولوگىيە جەھەتتە ئېنىقلاپ چىقىش قىيىن. تەبىئىي شارائىتتا بولىدىغان مۇتاتسىيە چاستوتىسى تۆۋەنرەك، سۈنئىي ئىندۇكسىيىلەنگەن مۇتاتسىيە چاستوتىسى يۇقىرىراق بولىدۇ. مۇتاتسىيىلەنگەن گېننىڭ نورمال ھالىتىگە قايتىش چاستوتىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، يەنى مۇتاتسىيە قايتما بولىدۇ. مۇتاتسىيە ئادەتتە ئىندىۋىدنىڭ ئالامىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ جانلىق تېنىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى سىستېمىسىنى بۇزىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە نىسبەتەن زىيانلىق بولىدۇ، لېكىن مۇتلەقمۇ ئەمەس، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە تۈرلەرنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
تېببىي
突变
tū biàn