UyghurMain Dictionary
مۇستەئىلىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولۇپ، Ⅺ ئەسىردە مىسىردا پەيدا بولۇپ، نىزارىيە بىلەن تەڭ شەكىللەندى. مىسىردىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر (1035 - يىلىدىن 1094 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى مۇستەرى (1094 - يىلىدىن 1101 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ۋەزىر ئەفدال (1066 - 1121) نىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تەختنى تارتىۋالدى. تەختتىن مەھرۇم قىلىنغان چوڭ ئوغۇل سۈرىيىگە قېچىپ بېرىپ ئەسكەر توپلاپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، مەغلۇب بولۇپ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. سۈرىيە، پرسىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئىسمائىلىيەلەر نىزارنى قوللاپ نىزارىيىنى شەكىللەندۈردى. مىسىر، شىمالىي ئافرىقا، يەمەن، ھىندىستاندىكى ئىسماىلىيە مۇستەرىنىڭ ئىمام بولۇشىنى قوللاپ، مۇستەئلىيە بولۇپ شەكىللىنىپ، مىسىردا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى. مۇستەرىنىڭ ئوغلى ۋە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئەمىر 1130 - يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن كېيىن، بۇ مەزھەپتە بۆلۈنۈش بولدى. ئەمىرنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى ئابدۇل مەجىد ئىمام ۋە خەلىپە ئورنىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھافىزىيە دەپ ئاتاپ، ئىسمائىلىيەدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، ھافىزىيەنى شەكىللەندۈردى. لېكىن بەزى كىشىلەر ئەمىرنىڭ ئوغلى تايىبنى داۋاملىق قوللىدى، ئۇ تايىبىيە دەپ ئاتالدى. 1171 - يىلى سالاھىددىن فاتىمىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىسىردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ھافىزىيە پارچىلىنىپ كەتتى. كېيىن مۇستەئلىيەنىڭ مەركىزى يەمەنگە، ئاندىن ھىندىستانغا يۆتكىلىپ، بۇھرائىيە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. تەخمىنەن 1591 - يىلى (بەزىلەر 1588 - يىلى دەيدۇ) بۇھرانىيەنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى دائىسى داۋۇد بىننى ئەززاب قازا قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەزھەپ بۆلۈنۈپ كەتتى. داۋۇد بىننى خۇتىبىنىڭ ئورۇنباسار بولۇشىنى قوللايدىغان داۋۇدىيە شەكىللىنىپ، ھىندىستانغا تارقىلىپ، بومباينى مەركەز قىلدى. سۇلەيمان بىننى ھەسەننىڭ ئورۇنباسار بولۇشىنى قوللايدىغانلاردىن سۇلايمانىيە شەكىللىنىپ، يەمەن قاتارلىق جايلارغا تارقالدى.