UyghurMain Dictionary
مۇستەقىل رادىكاللار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
1901 - 1919-يىللىرىدىكى سېربىيە بۇردۇئازىيە پارتىيىسى. خەلق رادىكاللار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ قۇرۇلغان. مەزكۇر پارتىيە ئاپتونومىيە ئاساسىداسايلام تۈزۈمىنى ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى، نەشرىياتچىلىق، يىغىلىش ھەم تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەلتىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روسىيە، مونتېنېگراولار بىلەن مۇستەھكەم ئىتتىپاق تۈزۈشنى تەشەببۇيس قىلغان. 1930 - 1909-يىللىرى ئۆز ئالدىغا ياكى ئەسلىدىكى رادىكلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ كابېنت تەشكىللىگەن. 1919-يىلى سېربىيە - كرودىيە ئىتتىپاقى ۋە سىلوۋېنىيە لىبېرالىزمچىلىرى بلەن بىرلىشىپ يۇگوسلاۋىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنى قۇرغان.