Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇستەقىللىك خىتابنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى独立宣言
dú lì xuān yán
شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيىگە تەۋە ئون ئۈچ مۇستەملىكە رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان پروگرامما خفراكتېرلىك ھۆججەت. جېففىرسون قاتارلىق بەش ئادەم تۈزگەن بولۇپ، 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا ماقۇللانغان (شۇ كۈنى كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن). خىتاپنامىدە ئەنگلاىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىغا قاراتقان دەھشەتلىك ھۆكۈمرنالىقى ئەيىبلەنگەن؛ ئەنگلىيە بىلەن بولغان بارلىق بېقىدىلىق مۇناسىۋەتلەر بىكارق ىلىنىپ، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مۇستەقىللىك، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا گراژدانلىرى ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت <تەڭرى ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق> تىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى (لېكىن نىگېرلار بىلەن ئىندىئانلار بۇنىڭ سىرتىدا): ھۆكۈمەت خگلق بەھرىمەن بولىدىغان ھەر خىل ھوقۇقلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ بۇ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ھامان خەلقنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. خىتاپانمە شىمالىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى مەلۇ دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. خەلقنى مۇستەقىللىك ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىرىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.