UyghurMain Dictionary
مۇشۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىش ئالماشلىرى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
«مەزكۇر» دىن باشقىلىرى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ.
بۇ كىتاب مېنىڭ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە يۈرۈسەن. مۇنۇنى ئال. مانا مۇشۇ چاپان چىرايلىق ئىكەن. ئۇشبۇ خەت ئاكام توختىغا تەگسۇن. مەزكۇر پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يېقىننى، يېقىندىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ، ئاشۇ
كۆرسىتىش ئالمىشى؛ يىراقنى، يىراقتىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنى بىلمىگەن ئۇنى بىلەر. ئاشۇ كۈنلەر ھەممىنى بىزار قىلغان، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە خاتىرجەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
سۆزلىگۈچىگە يېقىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ياكى قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.
مۇشۇ ئولتۇرۇشتىن بىر سائەتچە كېيىن ئۆزبەگ ئايىم ئۆينى خالىي قىلىپ، ھەسەن ئەلىنى ئۆز يېنىغا قىچقارتىپ كىردى.
سۆز بولۇۋاتقان پەيتنى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
- باشقىلارنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرگىنىدىن خەۋىرىڭىز يوققۇ دەيمەن؟- دېدى ئۇ.
ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغان ياكى ئاڭلىغۇچى يېقىن دەپ ھېس قىلغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ياكى ئۇلارغا ئىشارە قىلىشتا قوللىنىلىدۇ.
بۇ دەل مۇشۇ ئايشەم ھەدە ئىدى!