UyghurMain Dictionary
مۇسەممەن
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ھەربىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر شەكلى. ئۇنىڭ قاپىيىلىنىش تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ئا. ئا. ئا. ئا. ئا. ئا. ئا. ئا؛ ب. ب. ب. ب. ب. ب. ئا. ئا؛ د. د. د. د. د. د. ئا. ئا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەككىز قىرلىق، سەككىز بۇرجەكلىك؛ شېئرىيەتتە سەككىز مىسراسى بىر كۇپلېت ھېسابلىنىدىغان شېئىر، سەككىزلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ھەربىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇ شەكىل ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلىنىڭ ھەر كۇپلېتى بىر خىل قاپىيىدە تۈزۈلۈپ، قاپىيىلىرى كۆپىنچە مۇرەببەنىڭ قاپىيە تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتىدىكى سەككىز مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيىداش بولۇپ، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئاخىرقى 8 - مىسراسىدا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيە ئىزچىللىشىدۇ. يەنە بىر خىلىدا بولسا، ھەر كۇپلېتنىڭ ئالتە مىسراسى چاپراس قاپىيىلىك (يەنى 1 -، 3 -، 5 - مىسرالىرى بىر خىل قاپىيىدە، 2 -، 4 -، 6 - مىسرالىرى بىر خىل قاپىيىدە)، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى يەنە باشقىچە قاپىيىداش كېلىدۇ. بۇ شەكىلنى بارماق ۋەزىندە يازسىمۇ بولىدۇ، ئارۇز ۋەزنىدە يازسىمۇ بولىدۇ.