UyghurMain Dictionary
مۇسەددەس
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە مسدس - ئالتىلىك سۆزىدىن
ھەربىر كولېتى ئالتە مىسرادىن تەركىب تاپقان كلاسسىك شېئىر شەكلى، باشتا ئالتە مىسرا بىر خىلدا قاپىيىلىنىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ تۆت مىسراسى باشقىچە قاپىيە بىلەن كەلسىمۇ، كېيىنكى ئىككى مىسراسى باشتىكى كۇپلېتقا قاپىيىداش بولۇپ كېلىدۇ. ناۋايىنىڭ مۇسەددەسلىرى ئەنە شۇنداق قاپىيىلەنگەن. بەزىدە بىرىنچى كۇپلېتتىن كېيىن كېلىدىغان كۇپلېتلارنىڭ تۆت مىسراسى بىر خىلدا قاپىيىلىنىپ، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى بېيىتىنىڭ نەقراتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن: فۇرقەتنىڭ «سەيدىڭ قويابەر سەيياد» ناملىق مەشھۇر مۇسەددىسى شۇ تەرىقىدە قاپىيىلەنگەن.
يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ خىل شېئىر شەكلىگە ۋارسلىق قىلىنغان. بىلال ئەزىزى «نېمە بولدى» ۋە «ئۆمۈر _ ئاتقان ئوق» ناملىق مۇسەددەسلەر يازغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالتىلىك، ئالتە قىرلىق، ئالتە بۇلۇڭلۇق؛ شېئىرىيەتتە ئالتە مىسراسى بىر كۇپلېت ھېسابلىنىدىغان شېئىرلار. ئادەتتىكى تۆت مىسراغا ئىككى مىسرا بېيىت قوشۇپ يېزىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئالتە مىسرالىق كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن شېئىر. بۇ خىل شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى ئالتە مىسرا ئىزچىل قاپىيىداش بولىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتلىرىدا ئالدىنقى تۆت مىسرا باشقا قاپىيىدە بولۇپ، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىدە ئىزچىللىشىدۇ، ياكى بولمىسا بىرىنچى كۇپلېتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى كېيىنكى كۇپلېتلاردا تەكرارلىنىدۇ.