UyghurMain Dictionary
مۇسبەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىسپاتلانغان، ھەقىقىتىگە چىققان، دەلىلى كۆرسىتىلگەن:
مۇقەددەرگە ھەرگىز فىغان قىلماسۇن،
مۇسبەت بىلەن خەستاجان بولماسۇن.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
(مەنفىنىڭ تەتۈرى) بار، ھەقلەنگەن. ئىسپات قىلىنغان، دەلىل بىلەن كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
<مات> نۆلدىن چوڭ، نۆلدىن يۇقىرى.
مۇسبەت سان. مۇسبەت ئەزا.
<فىز> ماددىي قىسىملىرى پروتون ۋە پوزىتروندىن ئىبارەت ئېلېكترگە ئائىت؛ ئېلېكترون يوقاتقان.
مۇسبەت زەرەت. مۇسبەت قۇتۇپ.
ئىنكار قىلىنمىغان، رەت قىلىنمىغان.
مۇسبەت ئىبادەت.