UyghurMain Dictionary
مۇرتەزا ئەنسارى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1799 - 1864) شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھ. پرسىيىنىڭ دىزفۇل دېگەن يېرىدىكى دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 17 يېشىدا كەربالاغا بېرىپ، تاباتابائىنى ۋە شەرىف ئۆلىما مەزەندارانىنى ئۇستاز تۇتتى. 1825 - يىلى ئىسافاھانغا بېرىپ، باقىر رەشىدنى ئۇستاز تۇتتى. 1834 - يىلى نەجەفكە كۆچۈپ كەلدى. كېيىن بۇ رايوندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسى بولدى ھەمدە جايلاردىكى شىئە مەزھەپلىرى ئېتىراپ قىلغان ئالىي داھىيغا ئايلاندى. ئۇسۇلىيەنىڭ فىقھە نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. مۇسۇلمانلاردىن بىلىملىك، تەقۋادار ۋە ھايات مۇجتەھىدنى ئۈلگە قىلىشنى، فىقھە مەسىلىسىدە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇشنى، مۇجتەھىدلەر ئىچىدە تەقلىد قىلىدىغان ئالىي ئۈلگە بولۇشنى، ئۇنىڭ فىقھەدە نوپۇزلۇق ئىزاھات بەرگۈچى ۋە يېتەكلىگۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. مۇرتەزا ئەنسارى يېقىنقى زاماندىكى شىئە مەزھىپىنىڭ تەقلىد نەزەرىيىسىگە ۋە دىنىي سىستېمىسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللىنىشىگە چوڭ تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ فىقھە جەھەتتىكى <رەسائىل> ۋە ئۇسۇلى فىقھە جەھەتتىكى <مەكەسىب> ناملىق ئەسەرلىرى مۇھىم ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ زات ئۆمۈر بويى نامراتلىقتا ياشىدى. نەجەفتە ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.